ئايالغا سۆز (شېئىر) - ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

 ئايالغا سۆز

ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

توي قىلغىنىڭ ((ئاي))نى((ئال))غىنىڭ،
نۇربىرىدۇ ئۆيگە مىھرىدىن.
سۆيگۈ بەرسەڭ كۈندە زەررىچە،
ئاي خىجىلدۇرئۇنىڭ چىھرىدىن.

قۇۋۇرغاڭنىڭ بىرتېلى بولغاچ،
ئۇكەتمەيدۇ يېنىڭدىن ھەرگىز.
((مەن بەخىتلىك))دەيدۇ ھەممىگە،
تولدۇرسىمۇ قەلبىنى ئەگىز...

((بالام))،((ئۈيۈم))،((ئىرىم)) دەپ ئۆتەر،
ئۆمرى ئۇنىڭ جاپا ئىچىدە.
ھېيىت-بايراملار ئۇسىز،مىھىرسىز،
ئارام تاپماس كۈندۈز-كىچىدە.

((ئەر قىلغان))نى ئايايلى ئەرلەر،
تەڭ قېرىيلى ئاپپاق باش بۇلۇپ.
تەڭ ياتايلى يانداش قەبرىدە،
ئىككى دۇنيا،قەلىپداش بۇلۇپ....

 2017.3.8    
  ئاقسۇ
     





170 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-15 17:57:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-19 15:54:07 لۇقمان ياسىن
بۇ شېئىر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ