ئۆلۈپ كېتەر ئىنسان بىركۈنى - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

ئۆلۈپ كېتەر ئىنسان بىركۈنى
ئېلىجان ئابدۇكېرەم

شاتلىق بىلەن كەلدىڭ دۇنياغا،
يوقالمسۇن كۈلكەڭ كۈن بۇيى.
ياش توكمىگىن دەرد ھەم ئازاپقا،
ئۆلۈپ كېتەر ئىنسان بىر كۈنى.

بەختىڭ ئۈچۈن ئىزلىگىن ھەق يول،
تىرىك جېنىڭ ئۆي ماكاندا بول.
پۈل مۈلۈك دەپ بوپ قالمىغىن قۇل،
ئۆلۈپ كېتەر ئىنسان بىر كۈنى.

سەنمۇ كېتىپ،مەنمۇ كېتەرمەن،
بايلىق قېلىپ ئادەم كېتەر ئىكەن.
ھەربىر ئادەم ھامان ئۆلەرئىكەن،
ئۆلۈپ كېتەر ئىنسان بىر كۈنى.

بىز پاتمىغان دۇنيامۇ قالۇر،
تاپقان دۇنيا پۇللارمۇ قالۇر.
زۇلمەت بىزنى قوينىغا ئالۇر،
ئۆلۈپ كېتەر ئىنسان بىركۈنى.

پىكىر تەلەپ ئۈندىدارى:2318334127
     





46 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 9:40:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ