مانا . زېمىستان قىشنىڭ جاكارچىسى ،ئاقلىق ۋە پاكلىق ئەلچسى بولغان تۇنجى قار ئۆزىنىڭ خاسىىيەتلىك نۇرلىرنى زېمىن ئېتىكىگە سېخىيلىق بىلەن چاچتى .زېمىن ئاق لىباستىن تون كىيدى . بىر يىلدىن بېرى ھالسىرغان ،،ھەممىنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ چارچىغان زېمىن مانا ئەمدى تۇنجى قارنىڭ شوخ كۈيلىرگە كۈي قۇشۇپ شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى.
خىتاب قىلغۇم كەلدى: ئەي تۇنجى قار ،سەن رىۋايەتلەردىكى پەرىشتىلەردەك خىسلەت -كامالەتلەرگە ئىگە ئەمەسسەن، لېكىن قەلىب دۇنيارىمدىكى ئازابلىرىمنى دەقىقە بولسىمۇ يىنىكلىتىشكە ،زېمىن باغرىنى پاكلاشقا قادىرسەن ؛سەن ئابىھايات زەمزەم سۈيى ئاپىرىدە قىلىشقا قادىر ئەمەسسەن ،لېكىن قەلىب دۇنيارىمدىكى روھى دەرىخىمنى سۇغرۇشقا ،مەۋجۇداتلار ئارا مېھرى-مۇھەببەت يىپچىللىرنى مەھكەم تۇتاشتۇرۇشقا قادىر سەن ؟!»
«نېمە ؟! مېنى ياخشى كۆرەمسەن دەپ سوراۋاتامسەن ؟!
سېنى ياخشى كۆرىمەن،بەك ياخشى كۆرىمەن .چۈنكى سېنىڭ كۆكتىن لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ چۈشكىنىڭنى كۆرسەم ئاشۇ پەرى سۈپەت ئانام كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ....!!»
سەن بولغاچ مەندىن ۋاقىتسىز خوشلاشقان، ئارزۇ -ئارمانلىرىنى ماڭا مىراس قالۇرغان ئاشۇ مېھرىبانلىرىم بىلەن قەلىب ئاسمىنىمدا سىردىشالايمەن !!
سەن بولغاچ مېنىڭ ھاياتلىق يۇلۇمدا ھەر خىل« گۈللەر»نى ئېچىلدۇرغان ، «يىقىلغان»نىمدا مېنى يۆلىگەن ئاشۇ ئەزىزلىرىمگە چىن يۈرىكىمدىن ھەمدۇ سانا ئېيتىيالايمەن !!
شۇڭا دەيمەن :« سەن زېمىستان قىشتىكى تۇنجى سوۋغا !!؟
432 قېتىم كۆرۈلدى | 14430 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-6 0:07:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-12 17:09:35 | qimangul |
bak yahxikannnn |
2016-11-12 11:39:34 | zinnatgul |
写的非常好 加油 加油我爱你亲😘 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|