يىتىم دەپ... (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 يىتىم دەپ...
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

يىتىمدۇر دەپ جۆيلۈپ سالمىغىن،
چىدالامسەن زارلاشلىرىغا،
قىلمىغىن ئاچچىق، يۈرەگىنى،
قىلما سۈكۈتلەر ئازاپلىرىغا.

يىتىم دەپ سالمىغىن نەشتەر،
قانداق چىدار ۋىجدانىڭ سېنىڭ،
ھەسرەت چىكىپ قالسا نادامەتتە،
نۇمۇس يوقمۇ،تۇتۇلمامدۇ تىلىڭ.

سۈكۈتلەر قىلىنسا تولغۇنۇپ ئۇلار،
زورىغا ئۇنۇتقاي ھەسرەتتە،
ئۆچۈپ قالسا نۇرلۇق قۇياشىڭ،
ئۇخلاپ قالما دوستۇم،غەپلەتتە.

يۈگۈرۈپ بارمىغايسەن يەنە،
يىتىملار رىسقى كۆزلەر قىسىپ،
قاقلىناي دەپ خىياللار قىلما،
بولما ئاچكۆز،ئېشىڭنى سېلىپ.

ھەممىمىز يىتىمدۇرمىز ھامان،
ھېچكىم قالمىغان مېھمان بولۇپ،
كىتىدۇ ئىنسان،قالۇر دۇنيا،
بەرگىن مۇھەببەت،ئىنسان بىلىپ.

بىل،شاھلىقىڭ بايلىقىڭ ئەمەس،
ساڭا مەڭگۈ ھەمرا  بولمىغاي،
بولىسەن ھامان يىتىم،ئوخشاش،
قەدىرلە،يىتىم دەپ ئويلىماي.
     





135 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 11:11:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ