يىڭى يىلدا يىڭىچە ياشاڭ
*
ئابدۇللا تۇرسۇن ئەرەن
*
يىڭى يىلمۇ كىرمەكتە مانا،
يىڭى يىلدا يىڭىچە ياشاڭ.
ئىجتىھاتلىق بولۇپ ھەم يانا،
يىڭى يىلدا يىڭىچە ياشاڭ.
*
كەچۈرۋىتىڭ ئەلەم قىلغاننى،
بىلىپ—بىلمەي يۈرەك تىلغاننى.
چۆرىۋىتىپ قايغۇ پىغاننى،
يىڭى يىلدا ئەپۇچان ياشاڭ.
*
رەنجىتكەننى كۆڭۈلگە ئالماي،
قەلبلەرگە شۈبھىلەر سالماي.
ئاچچىغلىسا سىزمۇ تەڭ يانماي،
يىڭى يىلدا كەڭ قورساق ياشاڭ.
*
يوقلاپ تۇرۇڭ ئاتا— ئانىنى،
سىزگە بەرگەن ئۇلار بارىنى.
پىدا قىلدى ئەزىز جانىنى،
يىڭى يىلدا ۋاپادار ياشاڭ.
*
ھۆرمەت قىلىڭ تىلەڭ ئامانلىق،
باشقىلارغا قىلماڭ يامانلىق.
چۈنكى ئۆمۈر ئازدۇر ساناقلىق،
يىڭى يىلدا ئىبرەتلىك ياشاڭ.
*
ياخشىلىقنى ئايىماي قىلىڭ،
باشقىلارغا مېھىرلەر بىرىڭ.
كۆڭۈللەرگە گۈللەرنى تېرىڭ،
ھەر دائىما مۇشۇنداق ياشاڭ.
*
2016 ــ 12 ــ 28 ــ كۈنى
| 293 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-30 13:22:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|