تاشلاندۇق خوتۇن
ئاپتور : كاككۇك
ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن ،
ئەركەكنى يەر قىلغان خوتۇن،
جىگدە سىلىپ ئەرنىڭ بۆكىگە،
ئاخىرى سەن تاشلاندۇق خوتۇن
+++++++++++++++++++
يىراقكى سەن ئەھدۇ ۋاپادىن،
ئەسەرمۇ يوق شەرمى ھايادىن،
قورمامسەن يا ئۇللۇغ خۇدادىن،
ئاخىرى سەن تاشلاندۇق خوتۇن،
+++++++++++++++++++
خوتۇن ئالمىسا تالادا قالسا.
خوتۇن ئالسا بالادا قالسا،
ئەرنىڭ ئەمرى يوققۇ يادىڭدا،
ئاخىرى سەن تاشلاندۇق خوتۇن،
++++++++++++++++++
ئەرنىڭ ئەسلى بىز يىگانىسى،
بىزلەر چىراق ئۇ پەرۋانىسى ،
سەندىن ئۆزگە يوق غەمخانىسى ،
بىلمىسەڭ بولىسەن تاشلاندۇق خوتۇن،
+++++++++++++++++++
ئەردىن رازىلىق ئىلىپ باقتىڭمۇ،
سەپىرىگە ئامانلىق تىلەپ باختىڭمۇ،
قايتقۇچە يولىغا قاراپ باختىڭمۇ،
ئىككى ئالەم رەسۋاسەن تاشلاندۇق خوتۇن،
+++++++++++++++++++
سەن ئەمەسمۇ ئەر قوۋۇرغىسى،
ئەقىلسىز خوتۇننىڭ يوقمۇ دورىسى،
مەككار خوتۇننىڭ سۇنار كوزىسى،
ۋەيرانە ئاقىبەتسەن،تاشلاندۇق خوتۇن ،
+++++++++++++++++++
ئەر دۆت ئەمەس ئەمما سەبىرچان،
پۇشتۇمنى يىتىم قىلماي دەيدۇ ھەقىچان،
شۇنچىلىك ئويلانمىساڭ ئىكەنسەن قاۋان ،
ئاخىرى بولىسەن تاشلاندۇق خوتۇن،
+++++++++++++++++++
سەندىن باشقىمۇ ئايال كۆپ ئاڭا،
ساداقەت بىلدۈرۈپ چەكتى كۆپ جاپا،
نىمە كىرەك ئۇنىڭدىن ئارتۇقى ساڭا،
ۋەيرانلىقتا تۈگەيسەن تاشلاندۇق خوتۇن،،،.......
+++++++++++++++++++
ئىرىڭدىن رازىلىق ئىلىپ كۆرۈپ باق،
قانچىلىك جاپادا ئۇ بىرىپ كۆرۈپ باق،
ئۆزىڭدىن ئوپتان بىر ھىساپ ئىلىپ باق،
شۇچاغدا بولمايسەن تاشلاندۇق خوتۇن ،،،،،
2017.....4....10.....
ئاپتور كاككۇك ،،،u...DINIZ001
57 قېتىم كۆرۈلدى | كاككۇك | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 23:14:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-11 21:19:26 | kitarmiz |
يازغىنىڭىزخۇي ياخشى بوپتۇ رەنجىپ قالماڭ قۇسۇرتاپتى دەپ ئىملاخاتا بۇغۇم تۇراقسىز تەكشۈرمەپسىز قايتىدىن ئەجەپ چارچىغاندايازغانمۇ بۇنى ياكى ئازمۇسىزكۆرگەن كىتاب سىزبىلىسىزئۈگەنمەك زۈرۈرئاندىن يازماق بۇلۇرئاسان گەپ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|