سېنى سېغىنىپ - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

  سېنى سېغنىپ

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  بارچۇق ئوغلى

تاڭدىن سۇردۇم باغدىن سۇردۇم،
گۈلشەنلەر ئارا گۈلدىن سۇردۇم.
ھىجران ئىلكىدە ئاھلار ئۇردۇم ،
ئۆرتىنەر قەلبىم سېنى سېغنىپ.

بىرلا سەن يارغا باغلانغان خىيال،
بارىمنى قىلدىڭ سەن ئۆزۈڭ قامال.
چاڭقاپ يۈرەكىم تاپالماي ۋىسال،
ئەسلەيمەن دائىم سېنى سېغنىپ.

شىرىن ئىدى بىزتۇنۇشقان كۈن،
چىقماس ئىسىمدىن ۋەدىلەشكەن تۈن.
سەن قاياقلاردا مەن قايدا بۇگۇن ،
ياشلار يۇتارمەن سېنى سېغنىپ.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار  231334127

     





64 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-26 21:29:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ