بىل - زاكىر

بىل

 

زاكىر

 

گۈلۈڭنى گۈزەل دىمە،

 تىكەننى تۇتقاندا بىل.

 بىراۋنى كۈلدى دىمە،

كۆڭلنى ئ‍ۇتقاندا بىل.

 يىغلىماس ئ‍ەركەك دىمە،

يالغۇز قالغاندا بىل.

 يۈرەكنى پۇلات دىمە،

كۆنگەن يالغانغا بىل.

 يالقۇننى گۈلخان دىمە،

 ھارارەت چاچقاندا بىل.

 قۇقاسنى ۋۇلقان دىمە،

چاچراپ چىققاندا بىل.

 كۆيسىلا ئ‍ىللىق دىمە،

 باغرىغا باسقاندا بىل.

 يىقىلماس ئ‍ەركەك دىمە،

 يەرلىكتە ياتقاندا بىل.

 مەيلى بىل ياكى بىلمە،

 قەدرىڭنى قىلغانغا قىل.





363 قېتىم كۆرۈلدى زاكىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-18 8:52:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-5-5 11:39:28 Elox
bak esil yizliptu    
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ