شائىرە قىز
مەخسۇم ئابدۇقىيىم
قەلبى گۈزەل ، تۇيغۇ ئەلچىسى,
مېھرى بىلەن زەم زەم بەرگۇسى .
كۆلگىن چېچەكتە شائىرە قىز
قۇرغا پۈتكەن گۈزەل كەلگۇسى .
يازدى قۇرغا تالاي ھېكىمەت،
قەلبىدە يۇق ئارتۇقچە مىننەت.
يۈلغۇن تېرەكتە شائىرە قىز،
كۈيلىسە گەر ئۇيغاندى مىللەت.
سۆيدى ھەم شۇ سۆيگۇ بەرگەنى ،
مارجان قىلىپ تىزدى كۆرگەنى .
ئوتلۇق يۈرەكتە شائىرە قىز،
ئېچىلدۇردى كۆرگەن گۈللەرنى.
قەلەم ئۇنىڭ ئايىرلماس جۈپتى ،
ھەر يېزىقتا ساداقەت قاتتى .
خىيالى كۆكتە شائىرە قىز،
ھەر سەھەرنىڭ نۇرىنى چاچتى .
سۇزۇك ئېقىن سۇزۇك سۇلارغا،
گۇل تېرىيدۇ قاقاس يۇلارغا.
ئالتۇن بىلەكتە شائىرە قىز ،
كۆچ بېرىدۇ نازۇك قولارغا.
سالام پۈتكۇل شائىرە قىزلار،
ئۈزۈلمىسۈن سىلەردىن ئىزلار.
قوت يۇل كۆتمەكتە شائىرە قىز،
ھاياتى گۈل چاقنىسۇن دىللار.
| 48 قېتىم كۆرۈلدى | مەخسۇم ئابدۇقىيىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 13:31:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|