.......ئانام يوق.......
.........................................
تۇغۇپ ئۆستۈردى ئازلاپ پەپىلەپ ،
قارا كۆزلۈگۈم جانىم بالام دەپ .
كىچە-كۈندۈز غەملىرىمنى يەپ ،
ئارزۇلاپ باققان جانىم ئانام يوق .
.........................................
تاڭ ئاتتى كىچەلەر ئۇيقۇدىن بىدار ،
بەختىمنى كۆزلەپ يىغلىدى زار-زار .
مىھرىگە يەتمەككە بولدۇم ئىنتىزار ،
غەمگۈزار دىلدارىم جانىم ئانام يوق .
..........................................
قاتارغا قوشقىچە تارتتى كۆپ جاپا ،
تەنتەكلىك سەۋەبىم قىلدىم كۆپ خاپا .
كەتتى مىنىڭدىن كەلگىچە ۋاپا ،
سىردىشىم گۈلزارىم جانىم ئانام يوق .
.........................................
ئۈسۈپ يىتىلدىم ئانام ئەجرىدە ،
ئانامكەن تۈگىمەس كانىم ئەسلىدە .
ئايرىلدىم ئانامدىن يازنىڭ پەسلىدە ،
مىھرىبان سۈيۈملۈك جانىم ئانام يوق .
..........................................
بولسىمۇ دۇنيارىم ھامان بىرى كەم ،
مىھرىڭدىن بەرگەنتىڭ قانغۇچە زەم-زەم .
سەن بولساڭ يېنىمدا يوقتى ئەسلا غەم ،
خوشلۇقۇم دۇنيارىم جانىم ئانام يوق .
.........................................
تۈكۈلدى كۈزۈمدىن سېغىنىپ ياشلىرىم ،
تاتلىق تېتىماس ئەتكەن ئاشلىرىم .
سېغىندى مىھرىڭنى ئاجىز يۈرەگىم ،
مىھرىبان ئەزىزەم جانىم ئانام يوق .
........................................
كۆپ ئىدى ئارزۇيۇم بولساڭ گەر ھايات ،
سەن كىتىپ ئارزۇيۇم بولدىغۇ بەربات .
يىتىملىك دەستىدە چەكتىم دات-پەريات ،
دەردىمگە دەرمانىم جانىم ئانام يوق .
........................................
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن...!!!
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280...!!!!
2016-ئاينىڭ 8 -ئاينىڭ 8- كۈنى ...
خوتەن .....!!!!!!!!!