زاڭلىق قىلدى ئاق قارلار
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
قىرىق سانتى قار ياغدى،كىملەر مەكتەپكە ماڭدى،
قانداق قىلىمىز ئۇستازلار،بالىلارغا تەس بولدى،
دىجورنىلەر،ئۇستازلار،مەكتەپكە يول ئېلىڭلار،
قاچان توختار قارلار دەپ،ئاتا-ئانىلار غەم قىلدى.
مېڭىپ باقتىم ئون مېتىر،تېيلىپ كەتتىم يىقىلدىم،
غەيرەت قىلىپ دەس تۇرۇپ،تازىلاشتىن غەم قىلدىم.
زاڭلىق قىلدى ئاق قارلار،قاراپ قويسام ئۇنىڭغا،
كۈلۈپ قويدى توختىماي،يەنە قاتتىق سىرىلدىم.
راسا ياغدىڭ توختىماي،چوڭ-كىچىكنى ئايرىماي،
نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،خېيىم خەتەر ئويلىماي،
تازىلاپ بولساق تۈنۈگۈن،بۈگۈن يەنە ياغدىغۇ،
يەنە-يەنە تازلىساق،چۈشىۋەردى توختىماي.
ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار،تىزدىن ھەركەت قىلايلى،
تېشاڭ،گۈرجەكنى ئېلىپ، قارلارنى تازىلايلى،
جاپا چەكمەي يولداشلار،باردۇر نەدە تەييار نان،
تۈگەيدىغۇ ھەممىسى،ئازراق غەيرەت قىلايلى.
بارلىغىمىز بالىلار،شىجائەتلىك بولۇڭلار،
ياخشى ئوقۇپ مەكتەپتە،كۆكتە پەرۋاز قىلىڭلار،
ئۈمىدىنى خەلقنىڭ،ئاقلاش ئۈچۈن تېرىشىپ،
پارتىيەگە ئەگىشىپ،خۇشال يايراپ كۈلۈڭلار.
كەلگۈسىڭلار بەك گۈزەل،غەيرەتلەرنى قىلىڭلار،
جاپالارغا باش ئەگمەي،داغدام يولدا مېڭىڭلار،
ئۇستازلارنىڭ ئەجرىدە،ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىپ،
قاناتلىنىپ پەن بىلەن،كۆكتە پەرۋاز قىلىڭلار.
46 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-11 10:52:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|