سۆيمەسلىككە ئامال بولمىدى - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

سۆيمەسلىككە ئامال بولمىدى
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


سۆيمە دېدى بۇرادەرلەر قاراپ ھالىمغا،
كۆيگۈنۈم چۈشەنمىگەچ كەلمەي يېنمغا.
شۇنچە كۈلپەت دۆۋلىنىپ كەلسمۇ ئالدىمغا،
سۆيمەسلىككە مەندە ھېچ ئامال بولمىدى.

شۇنچە تاتلىق نازى كۆيدۈردى قەلبىم،
كۈنسىرى ئېغىرلاپ كەتسىمۇ ئەلىمىم.
ئۇنى كۈيلەپ ھېچ توختىماس قەلىمىم،
سۆيمەسلىككە مەندە ھىچ ئامال بولمىدى.

چىرايىدىن ئەخلاقى ھەسسە گۈزەل بولغاچ،
شەرمى-ھايانى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويغاچ.
قەلبىمدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت لىققىدە تولغاچ،
سۆيمەسلىككىە مەندە ھىچ ئامال بولمىدى.

ئامالسىزمەن توختاشقا يەتمەيدۇ سەۋىرىم،
ئۇرۇلدى يەرگە نەچچە خەس بولدى قەدىرىم.
سۇسلاشقىنمدا يۈركۈم جېكىلىدى قەسىمىم،
سۆيمەسلىككە مەندە ھېچ ئامال بولمىدى.

     





51 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-2 3:24:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ