يار قوشقى - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

 يار قوشقى

ئېلىجان ئابدۇكېرەم (بارچۇق ئوغلى)

يارىم بارغان تويلارغا،
چىللىماپتۇ بارغۇم يوق.
بارماي دېسەم دۈشمەن كۆپ،
ياردىن قۇرۇق قالغۇم يوق.

مەن بارمىسام تويلارغا،
يار يالغۇز يۈرەلەمدۇ.
يۈرەكنى ئەزسە تەنھالىق،
يار كۆڭلى كۆنەلەمدۇ.

يار ئۆيى ئۆتەڭدىكەن،
ئايدا بىر كەلمەيدىكەن.
ماڭا سالغان بۇ ئوتنى،
يار ئۆزى بىلمەيدىكەن.

يارنىڭ قېشىدا ئوسما،
بېشىدا چىمەن دوپپا.
ئوتنى سالدىڭىز يارىم،
ئۇ دەرتكە داۋا يوقما.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
     





37 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 10:04:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ