نىگارغا سۆز
ئاپتور ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
تولۇن ئايدەك يىگانىدۇرسەن ،
كۆڭۈل كىچەم يورۇق سەن بىلەن .
چاقنىغىنى ئوي خىياللىرىم ،
سىردىشامسەن يۇلتۇزۇم بىلەن ...
مەن ساڭا باقىمەن يىگانەم كۆرۈپ ،
ۋەلىكىن ياتلارمۇ باقىدۇ ساڭا .
مەشۇقۇم دىسە گەرسىنى يات بىرى،
ئازمىغىن بەك ئەلەم بولىدۇ ماڭا .
تولۇن ئاي بولمىغىن يۈرمىگىن يالغۇز ،
گۇمانىم يۇلتۇز بوپ يالتىرمىسۇن .
دەپ قويغىن ساڭا قول سوزغانلارغا ،
ۋىسالغا يەتمەك بولسا ئالدىرمىسۇن .
مەن كۈتتۈم تالاي يىل تالاي كىچە ،
ئۇلارمۇ كۈتۈپ باقسۇن مۇڭغا چۆكۈپ .
مەن كەبى تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈپ باقسۇن ،
دەردىنى يەر زىمىنغا ياش قىپ تۆكۈپ .
ئاياپ قوي نۇرۇڭنى كۆكتىن چۈشكىن ،
كەڭ زىمىن باغرىنى يورۇتتىڭ يىتەر .
نۇر بولۇپ يالتىرا غىرىب كۈلبەمدە ،
سەن بولساڭ غەم قايغۇم توزۇپلا كىتەر .
يۇلتۇزۇم يورۇتسۇن ئارمانلىرىڭنى ،
سەن مىنى ئەت باغاش مىھرىڭ بىلەن .
تەشنالىق دەشتىدە چاڭقىدىم ئەجەپ ،
سۇغارغىن شۇ بۇلاق كۆزلىرىڭ بىلەن .
ئاسمانغا قەھرلىك كۆزۈمدە بىقىپ،
كۈنلىگۈم يوق سىنى قارا بۇلۇتتىن .
شۇ ئىللىق نۇرۇڭنى ماڭىلا بەرگىن ،
قۇتۇلۇپ كىتەي يارسوغۇقتىن جۇدتىن ...
2016.يىلى 7.ئاينىڭ 20.كۈنى يەكەن