مۇھەببەت لىرىكىلىرى
قىزىل تۇمان يازمىسى
ۋىجدان غۇرۇر ئۈچۈن جان تىكىپ كەلدىم،
ۋە لېكىن ھەر قەدەمدە ئېگىلدى قەددىم.
ھەر تىنىقتا پۇرقۇيدۇ ئاچىچىق بىر پىغان،
ھامان بىر كۈن قەدىرىمگە يېتىسەن بەلكىم.
قايغۇرۇپ ياشاشقا رايىم يوق مېنىڭ،
كۈتمەيمەن سەندىن خەندانە كۈلكە.
ياشايمەن يەنىلا كۈلۈپ تېلىقىپ ،
رازىمەن ھاياتتا كۈلۈپ ئۆلۈشكە.
كىرپىكىمدەيالتىرايدۇبىرتامچەشەبنەم،
ئۇتامچەمەن كۈتكەن بەخىتتۇر ھەم.
ئىشەنچىم ھەر ۋاقىت تۇرىدۇ ئېشىپ،
قەلبىمدە كۆكلىگەن ئارزۇ بىلەن ھەم.
ئازاپتا يۈرۈكۈم بولسىمۇ زېدە ھەم يارا،
ئېچىلغان گۈلدەك ياشايمەن يانا.
ئۇسىغان قەلبىمگە قايسى بىر كۈنى،
كىم كېلىپ زەمزەمنى سۇنىدۇ ماڭا.
بېلىق بۇلۇپ ياشىسام قەلىپ كۆلۈمدە،
كىملەردۇر كېلىپ تاشلىدى قارماق ،
مۇھەببەت دەرىخىدە كۆكلىسەم يېشىل.
مانا بۈگۈن بولدۇم سارغايغان ياپراق.
بىلمىدىم دۇنيادا رەزىللىك نېمە؟
ھېسىياتىم ھەرۋاقىت ئالداندى ساڭا.
كۈلۈپ تۇرۇپ سۆيگۈ سورىغان ئىنسان،
مانا ئەمدىلىكتە قايغۇنى بەردىغۇ ماڭا.
دەيدىكەن كونىلار يالغۇزلۇق يامان،
يالغۇزلۇق ئادەمنى قىلىدۇ سامان.
ۋەلېكىن كۆڭۈلنى چۈشەنمىسە بىراۋ،
مۇھەببەت كوچىسىدا بولمامدۇ سەرسان.
تەنھالىق ئىچىدە سۈرىمەن خىيال ،
مۇھەببەت نەلەردە كۈتىسەن مېنى.
قالدۇرۇپ يۈرەكنى تەنھا ئازاپتا ،
مۇھەببەت قەيەردە؟قېنى سەن قېنى؟
مەن كۆرگەن ئاقار يۇلتۇز يوقالدى قايان،
قاپلىدى قەلبىمنى گۇمان ۋە پىغان.
يانمۇ يان ئولتۇرۇپ يۇلتۇز سانىغان،
شۇ كۈنلەر ئۇنتۇلدىمۇ يوقالدى قايان.
مۇڭغا تولدى يۈرۈكۈم تىپىرلار شۇئان،
قەلبىمدە ھەسرەتلىرىم ياسىدى ۋولقان.
ئۆتكەن كۈنلىرىم ئۆتمۈشكە ئايلانغان بۈگۈن،
بەخىت قەيەردە ماڭا بولدىغۇ ئارمان.
مەن كۈتتۈم سېنى ھىجىراندا مۇڭلىنىپ،
قاراڭغۇ تۈندىكى شامغا تەلمۈرۈپ.
بىلىمەن بۈگۈنمۇ كەلمەيسەن چوقۇم،
مەن قالىمەن يېگانە يەنە ئاھ ئۇرۇپ.
مۇزلىدى يۈرۇكۈم ساختا سۆيگۈڭدە،
قەلبىمنى قاپلىدى شىۋىرغانلىق قار.
ۋۇجۇدۇم تىتىردى تىتىرەيدۇ زىنھار،
يۈرۈكۈمدە بەك سوغۇق لەپىلدەيدۇ قار.
گاڭگىراش ئىچىدە ئۆتەر ھەر كۈنۈم،
ئازاپتىن سارغايدى ھەر بىر تال گۈلۈم.
يىراقلاردىن چىن سۆيگۈ چللىدى مېنى،
خەيىر خوش ئازاپتا ئۆتكەن ھەر كۈنۈم.
شۇنچىلىك مۇكەممەلمۇ سۆيگۈ ئەسلىدە،
چۈشەنمەي قالىمەن بەزەن تېڭىرقاپ.
كۆڭلۈمدە ئويلايمەن نېمە بولدۇم دەپ،
تۇرمۇشتا ھەمراھدۇر ماڭا قايغۇ ۋەئازاپ.
ئازاپقا چىدىماي تىپىرلار يۈرەك ،
لېكىن قەپەستەك يېرىلماس كۆكرەك.
ھامان بىر كۈنى ئازاپلار ئۇلغىيىپ ئوتتەك،
ۋىسالسىز دۇنيادا تۇنجۇقار يۈرەك.
163 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-11 14:19:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|