بايرام قەدرى
ئادىل ئابلىمىت ( يادىكار )
بۈگۈن بايرام ،بۈگۈن نورۇز ھەممىگە ،
تالاي قەلىب شادلاندى خۇش ئېھتىمال .
بارچە چىراي تەبەسسۇمدا ئۆتسە گەر ،
بۇ دىلىم غەمگە پاتتى بولماي خۇشال .
بايرامنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزمەك بولۇپ ،
جەم بولدۇق سورۇنغا ئېسىل پاقىراپ .
يېيىشتۇق ،ئىچىشتۇق ،ئوينىدۇق راسا ،
قىزىتتۇق سورۇننى بەك تازا ۋاقىراپ .
ئوبدانلا قىززىدى سورۇنىمىز ئاخىر ،
يۈزلەر قىزىرىپ خۇمارلىشىپ كۆز .
گۆلىيىپ ،ھومۇيۇپ ،قىلىشىپ خىرىس ،
تۈگۈلدى مۇشتلار ،چىقىپ رەسۋا سۆز .
ئارىدا ئىككىسى كەتكەچ ئۇرۇشۇپ ،
ئۆرۈلدى ئۈستەل ،سۇندى ئورۇندۇق .
ئاجرىتىشقا كىرىشكەن ئارىچىلارمۇ ،
مۇكاپات ئېلىشتى ، قالمىدى قۇرۇق .
ئارىچىغا زادى ئالتە تاياق راست ،
ئوبدانلا تەگدى يۈزلىرىمىزگە مۇشت .
مەستلىك پەستلىك دېمىدى ياكى ،
سەن ماڭا ئەزەل ئىدىڭ ياخشى دوست .
ئۇنتۇلدى بۈگۈننىڭ خاسىيەتلىكى ،
يېرىلدى قاپاق ،ئاقتى قىزىل قان .
بولدى ئۈستىباش قۇسۇقتىن رەسۋا ،
بۇلغاندى ھەممە ،ھەممىسى تامان .
ئىست نورۇزۇم ،ئېسىل ئەنئەنەم ،
ئىسىت ،جان ئانام كىيدۈرگەن دوپپا .
ئىسىت ،ئوخشىغان شۇ نورۇز ئېشى ،
ئاھ ،ئەمدى كىمدىن مەن بولاي خاپا .
2017 -يىل 21 - مارت نورۇز كېچىسى
ئادىل ئابلىمىت (يادىكار ) ئاقسۇ ئايكۆل
| 41 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-22 17:39:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|