ھالسىرىدى ئىلى ۋادىسى
مەۋلان ئابلىمىت ئوغۇز
كۆزتەگدىمۇ گۈزەللىكىڭگە،
بولدۇڭمۇ يا سىنالغان تۇپراق.
كۆكنىڭ نىمە دەردى بار سەندە ،
غەرىق قىلدى توپانغا بىراق!
تۆكمەكتە كۆك توختىماستىن ياش!
بولدى قىلغىن يىغلاۋەرمىگىن!
ھالسىرىدى ئىلى ۋادىسى!
خەلقىمنى سەن قىيناۋەرمىگىن!
نە قىسمەت بۇ بىلەلمىدۇق ھېچ،
باشلانغاندەك ئىككىنچى توپان.
تىشىپ كەلدى سەلل ەر قىياندىن،
سېلىپ دەھشەت ھەيۋەتتە چوقان.
ئېتىزلاردا ئوخشىغان ئاشلىق،
لاي-لاتقىغا مىلىنىپ كەتتى.
چەيلەنگەندەك دېھقان مېھنىتى،
يۈرەك باغرى تىلىنىپ كەتتى .
ساق قالمىدى مال چارۋۇلارمۇ
ياغقىنىدا ئاسماندىن مۇز تاش
ھالسىرىدى ئىلى ۋادىسى!
ئىزدىگەندەك بولۇپ بىر قاياش!
ئامان بولسۇن ئانا ۋەتەننىڭ،
ئېرەم ھۆسنى بوستان ۋادىسى!
دۇئا قىلغاچ بارچە ئەل ئاڭا ،
پارلاق بولسۇن ئۇنىڭ ئەتىسى!
-نىلقا ئابرال
25 قېتىم كۆرۈلدى | mavlanoghuz | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-1 10:10:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|