تولۇقسىز ئوتتۇرا ھاياتتىكې گۈزەل چاغلارغا ئاتاپ
◀▶◀▶◀▶◀▶
ئاپتۇرى : ئادىل تۇرغان
🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽
بىر مەھەل شەھەردە يايرىدۇق بىللە ،
ئۈچ يىلنى بولبۇل بوپ سايرىدۇق بىللە.
شىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينىغان دوسلار،
ھاياتتا ئىچىلىپ گۈللىگىن -گۈللە.
🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽
جىلليۈز دىگەن نام كۆڭۈلدە قالدې،
تولۇقسىز ھاياتمۇ ئۆتمۈش بوپ قالدى.
بىر كۈلۈپ بىر قاقشاپ ئۆتۈشكەن كۈنلەر،
يىل ئۆتۈپ يۈرەكنىڭ تارىنى چالدې.
🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽
بىرىمىز ھۈنەرۋەن بولدۇق ھاياتتا ،
بىرىمىز ھاراق دەپ ياتتۇق قاۋاقتا.
بىرىمىز ئىبرەت بوپ ئىنسانىيەتكە،
پۇشايمان ئىلكىدە ياتتۇق قاماقتا.
🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽
بىرىمىز ناخشىچې سازەندە بولدۇق،
بىرىمىز ھاياتنىڭ كويىدا بولدۇق.
بىرىمىز نۇر بولوپ خەلقىم قەلبىدە،
مەيدىگە تاقالغان قىزىل گۈل بولدۇق.
🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽
بەزىلەر چىقىمچى چىقىپ ياشىدې،
بەزىلەر يۇندىدا ئىقىپ ياشىدى.
بەزىلەر نامەرتنى باپلاپ تۈن كىچە،
كەشتىكى يولتۇزدەك چاقناپ ياشىدى .
🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽
ئىتساممۇ- ئىتساممۇ تۈگىمەس سۆزۈم،
دوسلار دەپ مەڭگۈگە يانار يۈرۈكۈم.
ۋىجدان ھەم غۇرۇردا ياشايلى مەڭگۈ،
مانابۇ جان دوسلار كۆڭۈل سۆزلۈرۈم.
🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽🔽
ئاپتۇرى: ئادىل تۇرغان
🔼🔼🔼🔼🔼🔼🔼🔼🔼
2016-11-25
15599637818
381 قېتىم كۆرۈلدى |
kuxkax |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-11-25 15:12:03 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-9 23:32:19 |
ئادىل |
ئامان بولغىن دوسلۇرۇم مەڭگۈ |
2016-12-1 7:56:11 |
نۇئەخمەتجان |
ياشلقىم ئاقان دەريا تۇرىمەن قىرغاقتا مڭلىنىپ ئقتىبال ،،كۆرىگى ياسالماي تۇرۇپ بۇكۆڭلىم خالىماس ئارتۇقچە ھەمرا |
2016-11-26 23:55:27 |
ئەرپات |
ئىسىل |
ئىنكاس يېزىڭ