<سەندەكلەرگە بىر ئېغىز> غا قارتا
شەبنەم
ئۈرۈمچىلىك، قارايلىق ، مايتاغلىق دەپ يۈرمىدۇق،
غولجىلىقلار ھىچقاچان خەقنى چەتكە قاقمىدۇق.
قوينى كەڭدۇر غولجىنىڭ كەل قېرىنداش دەپ ئېيىتتۇق،
بىلىپ قويغىن بىز ھەرگىز يۇرتۋازلىق قىلمىدۇق.
بىر ئادەمنىڭ چاقچىقى بىر يۇرتقا ۋەكىل ئەمەسقۇ،
قىلمايدىغان خاتا گەپ ئۇمۇ خىزىر ئەمەسقۇ.
نەچچە ئېغىز گەپ ئۈچۈن ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ،
ئىشلەت ئۇيغۇر ئەقلىڭنى ئەرزىمەسلا بىر ئىشقۇ.
بىر -بىرىڭنى چىشلىشىپ،گەپ تېپىشقا تۇرغانمۇ؟
بىزلەر ئۈچۈن بىر ئېغىز گەپ باھان بولدىمۇ؟
غولجىلىقمۇ سەن بىلەن ئوخشاش مىللەت قەۋىمدىن،
غولجىلىقنى قوشاققا قېتىش دۇرۇس ئەمەسقۇ؟
ياشاپ كەلدۇق غولجىدا شۇڭا ئۇنى سۆيىمىز،
يۇرتىمىزنى ھەتتاكى جاندىن ئەزىز بىلىمىز.
بىلىپ قويغىن غولجىدا ھەممىمىز شاد يۈرىمىز،
ئالتە شەھەرلىك دەپ ھەرگىز چەتكە قېقىپ يۈرمەيمىز.
شېئىرلىرىڭ مەزمۇنى پەقەت بىرلا ئېغز گەپ،
دادلىماقچى سەن بىزگە بىزنى چەتكە قاقتىڭ دەپ.
كۈلۈپ تۇرۇپ ھەر ئىشنى ئۆتكۈزۋەتكەن غولجىلىق،
لىكىن بۈگۈن كۈلۈپلا ئۆتكۈزۋەتمەس غولجىلىق.
ئالتە شەھەرلىك قېرىنداش يات مىللەتتىن بولمىغان،
غولجىلىقمۇ ھەممىنى تۇققان كۆرۈپ قوللىغان.
نېمە گەپ بۇ ھەركۈنى پىتنە -پاسات تۈگمىگەن،
غولجىلىقنى يۇرتۋاز دەپ ۋىجدانىڭلار قاينىغان.
تاسادىپىي قىلىنغان بىر ئېغىز گەپ تۈپەيلى،
قانچە ئىنسان غولجىنى گەپلىرىدە سېسىتقان.
مەيلى غولجا ۋەياكى ئاتۇش ، ئۈرۈمچى،قارىماي،
ئۇلۇغ زىمىن ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان.
چىدىماسمەن غولجىنى تىللىرىڭدا سېسىتساڭ،
ئادەملىرىنى يۇرتۋاز دەپ بار گۇناھنى يۈكلىسەڭ.
ئارىمىزغا ئالغاندا خۇشال كۈلۈپ باققاندا،
گەپ ئارلىقىدا ھاقارەت سۆزلىرىنى ئارلىساڭ.
مەن غولجىنىڭ پەرزەنتى ،مەن غولجىنىڭ پەخىرى،
غولجىمۇ ھەم مېنىڭكى جىنىم، مېنىڭ پەخرىم.
ئۇنىڭ ھەربىر گىياھى تۇتىيادىن قىممەتلىك،
ئادەملىرى ئۇنىڭكى ئىشچن ھەمدە ئەدەپلىك.
ئالتەشەھەرلىك دىمىدى ئەخمەتچان جەڭ قىلغاندا،
قەشقەرلىك دەپ قوغلىمىدى نوزۇگۇم پاناھ تىلىگەندە.
شۇنچە باتۇر ئەجدادىم يۇرتۋازلىق قىلمىسا،
يۇرتۋاز دەپ تىللايسەن ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە.
خەيىرئەمدى تۈگىسۇن ئۇشبۇ تەنە سۆزلىرىڭ،
توختاش ئەمدى يۇرتۋاز دەپ قوشاقلارغا قاتقىنىڭ.
ئىجىل-ئىناق ئۆتەيلى چىشلەشمەيلى ئۆز -ئارا،
بولدى ئەمدى يىتەرلىك بولدى ئۇشبۇ سۆزلىرىڭ.
234 قېتىم كۆرۈلدى | شەبنەم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-12 12:16:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-13 22:10:07 | توغراق |
بارېكاللا بەكمۇ ئوبدان يېزېپسېز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|