يامغۇر
ئامىنە
تەبىئەت گۈزەل سەن بەرگەش ئوزۇق،
تۆكۈلۈپ ياغساڭ زىمىندا خۇشلۇق.
ئۇنچىللىرىڭدىن بوستاندۇر شورلۇق،
ساڭا باش ئېگىپ دەيدۇ چۆل «قۇللۇق».
باھاردا كەلسەڭ مېھمان بوپ بىزگە،
قەدەملىرىڭدە يېشىل پايانداز.
قانسا يەر ساڭا يىللاردا ئۇتۇق،
تاپار بەرىكەت سەندىن باھار، ياز.
يوخلىغىن بىزنى باھاردا كۆپرەك،
ئالايلى سەندىن چەكسىز بەقۇۋۋەت.
شاتلىق يېشىڭنى تۆككىن باھاردا،
زىمىن ياشىرىپ بولسۇن بەھەيۋەت.
پاكلانسۇن زىمىن يۇيۇنۇپ سەندە،
گۈزەللىك تاپسۇن تويۇنۇپ سەندە.
يىل باھارىدا كۆكلەم جىلۋىسى،
ئالسا تەبىئەت سەندىن زور بەھرە.
200 قېتىم كۆرۈلدى | ئامىنە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-5-5 18:54:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|