شېئىر سۆزلەيدۇ
ئاپتورى : نۇر * باش
شېئىر ئۇ سۆزلەيدۇ ئادىلنى ھەقنى ،
كۆزلەردىن چاقنغان چىن سەمىمىيەتنى .
كۆرمىسە شائىر گەر ئۇنىڭ قەلبىنى ،
ھەقىنى ئەمەس بەلكى سۆزلەر ناھەقنى .
شېئىر ئۇ سۆزلەيدۇ چىن مۇھاببەتنى ،
مۇھاببەتىن تامچىغان سۈزۈك بۇلاقنى .
ئاڭلىمىسا كىشى ئۇنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ،
قانداقمۇ ھېس قىلسۇن ھەق ئادالەتنى .
شېئىر ئۇ سۆزلەيدۇ گۈل- چىمەنلەرنى ،
پەرۋىشكار باغۋەننىڭ مېھنەت ئەجرىنى.
ئىچمىسە سەمىمىيەت سۆيىدىن ئەگەر ،
تېتالماس مۇستەھكەم ئىشەنىچ تەمىنى .
شېئىر ئۇ سۆزلەيدۇ تاڭ سابالارنى ،
تاڭ ساباسى تاراتقان مۇڭ سادالارنى .
ئەللەيلەپ قوينىدا چىن گۈزەللىكنى ،
ئۆستۈرۈپ چىققۇسى گۈزەل ھېسلارنى.
2017-2-15(پەيزاۋات )
| 67 قېتىم كۆرۈلدى | نۇر باش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-17 4:30:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|