سەن ئىدىڭغۇ تېخى بىر غۇنچە
ئەسقەر قۇربان
( مەرھۇم دوستۇم غۇنچەمنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن )
سەن ئىدىڭغۇ ئىسمىڭغا لايىق،
ئېچىلمىغان تېخى بىر غۇنچە.
ۋاقىتسىزلا توزۇپ كەتتىڭغۇ،
نادامەتتە قالدۇرۇپ شۇنچە.
يەتكىنىدە ئاشۇ شۇم خەۋەر،
سوقۇپ كەتتى يۈرەك رېتىمسىز.
ئەسلىمىلەر قوينىدا يۈرۈپ ،
دۇنيا ماڭا بىلىندى رەڭسىز.
ھايات يولۇڭ شۇنچە قىسقىمۇ،
كەتتىڭ بىزدىن تېزلا ئايرىلىپ.
ناۋاقىلماس ھەتتا قۇشلارمۇ ،
گۈل شېخىدا غەمكىن قارىشىپ.
سۇكىناتقا پاتتى ھەممە جاي،
يۈرەك باغرى كەتتى ئېزىلىپ.
ئاڭلىنىدۇ مۇڭلۇق بىر غەزەل ،
ئاستا -ئاستا گۇگۇمنى ئېلىپ.
مەنبە:( كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى)
2014.3.4
| 165 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-8 10:26:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|