چۈشۈمدىكى گۈزەلىم
قۇربان ئەكبەر
كۆرمەن چۈشۈمدە ھەر كۈن بىر گۈزەلنى ،
تاپالماسمەن ئۇندىن باشقا جامالنى .
تەگدى يۈرەككە قىلغان ھەربىر سۆزى ،
كۈچەيدى يۈرەكتە مۇھەببەت چوغى .
قول تۇتۇپ ماڭار ئىدۇق كوچېلاردا ،
سېردىشاتتۇق سەزمەستىن دالېلاردا .
كېپىنەك قوغلاپ زېرىكمەي باغدا ،
بار ئىدۇق قوشنا_قۇلۇملار تىلىدا .
سۆيەر ئىدىم پات_پات ئۇنىڭ مەڭزىگە ،
تويماس ئىدىم قاراپ ئۇنىڭ لېۋىگە .
كۈلۈپ قۇيسا قاراپ مەسلىگىم كېلىپ ،
قارايتىم ئۇزۇنغېچە جامالىگە ،
يوقاپ كەتسەم ئەگەر بىرەر كۈن ئۈنسىز ،
ئۆتەر ئىدى ئۇنىڭ كۈنلىرى مەنىسىز .
كەلسەم ئەگەر يۈگرۈپ ئۇنىڭ ئالدىگە ،
تىللار ئىدى كۈيۈنگېندىن سەۋەپسىز .
كېرگۈزدىم گۈزەلىمنىڭ ئۆيگە ئەلچى ،
ئەلچى ئىچىدە بار يامان بىر گەپچى .
يۈگرۈپ كېلىپ ئاغزى تاتلىق شېكەرچى ،
دېدى ، بەردى رازىلىق قىز چوڭلېرى .
كېردى يىراقتىن قۇلاقىمغا چوقان ،
كۆردۈم رىئاللقتا ئۆزۈمنى شۇئان .
ئۆكۈنگېنىمدىن ئۇرسام پېشانەمگە ،
ئالدىمدا تۇرۇپ قالدى ئانام ھەيران .
ئوينار ئىدى خىيالىمدا گۈزەلىم ،
قايار ئىدى ھەتتا پات-پات سۆزلۈرۈم .
ھەيرانلىقتا سورىسا مەندىن دوستۇم ،
بەردىم جاۋاپ ، چۈشۈمدىكى گۈزەلىم .
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئۈندىدار 18599017304
| 65 قېتىم كۆرۈلدى | Kurban601 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-26 23:14:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|