ياشلىق ھاياتىم (شېئىر)
ئەلقەر
ئۆتتى ئايلار ئۆتتى يىللار ،
ئاشتىم بۈگۈن 18دىن .
ياشلىقىمغا قەدەم ئالماي ،
كۆڭلۈم قالدى جاندىن جاھاندىن .
كىچىكىمدە ئاسماندىن ئىزلەيتتىم يۇلتۇزۇم قايان ،
بۈگۈن ئىزلىدىم ھايات مەنزىلىم قايان .
ئۇچراشتىم ھاياتىمدا كۆپلىگەن سىرداش بىلەن ،
قىلدىم ئۇلارغا ھايات سەرگۈزشتەمنى بايان .
ھاياتتا كۆرگەنلىرىم بولدى مۇھەببەت ھەم مۇشەققەت ،
ھىچقايسىسى بولالمىدى ئەبەدى ئەبەت .
دۇچار بولدۇم ھاياتىمدا تاللاش ھەم شاللاشلارغا ،
تاللاشلىرىم خاتا بولدى قالدىم ئازابلارغا .
ئاھ ئۇردۇم نالە قىلدىم كەلمىدى ھىچ ئورنىغا ،
كەتتى ئازاپ ھەم بەخىتمۇ ئۆز يوللىرىغا .
سالدى ھايات ئويلىتىپ مەنزىلىم خىياللارغا ،
نەگە كەتتى ئارزۇ ئارمان تاشلاپ مىنى يىراقلارغا …
| 24 قېتىم كۆرۈلدى | alkar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-27 4:58:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|