دېھقان دېگەن ئۇلۇغ زات
قىزىل تۇمان
قوتاندا قويلىرى ئوت چۆپسىز تۇرسا مەرىشىپ،
ھەر كۈنى كادىرلارھاشار دەپ تۇرسا توۋلىشىپ.
ئېتىزلاردا مايسىلار سۇ يوق، تۇرسا سولىشىپ،
ئۆرۈكلەر يەرگە چۈشۈپ تۇرسا چىۋىن ئولىشىپ.
ھاشاردىن كەلسە چۈشلۈك ئارام ئەمدى ئالاي دەپ،
قويلىرى تېخىچە ئوت چۆپسىز، قوتاندا مەرەپ .
ئويلىدى دېھقان ئۆرۈكلەرنى سالاي قاققا دەپ ،
نان سالماي ئاغزىغا توۋلىدى ئارام توشتى دەپ.
بىچارە قويلارغا ئوت چۆپنى سالدى ئالدىراپ ،
كەتمەننى دولىسىغا ئالدى ئۇ ھاشارغا ماڭدى.
ئېتىزدا مايسا سۇسىز قۇرۇپ چاكىلداپ كەتتى،
دېھقانلار ھاشاردا ئىشلەپ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى.
ھاشار تۈگەپ كېچىسى مايسىغا سۇنى ئاچتى،
ئۇيقۇسىزلىقتىن ئۇ تېخىمۇبەك چارچاپ كەتتى.
تاڭ ئاتقاندا ئۇ ئۆيگە كېلىپ، ئۇخلاپ قالدى،
تاڭ سەھەر ھاشار ئىكەنلىكىنى سەزمەي قالدى.
گۇرۇپ باشلىقى ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى،
ھاشارغا چىقمىغىنى ئۈچۈن ئۇنى تىللىدى.
يەنە تېخى ئۇنىڭدىن جەرىمانىمۇ ئالدى،
بىچارە دېھقان ئاۋاز چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى.
قويلارنىمۇ تۈزۈك باقالماي سېتىپلاۋەتتى،
ئېتىزدىكى ئاشلىقتىن تۈزۈك پايدا چىقمىدى.
بېغىدىكى مېۋىلىرى سېسىپ تۈگەپ كەتتى،
بارزىياننىڭ ھەممىسى يەنە، دېھقانغا بولدى.
كۈز كەلدى دېھقاننى يەنە ئىشلار بېسىۋالدى ،
ئۈزۈملەر باراڭدا تۇرىدۇ ھەرە ئولىشىپ .
كۆممىقوناقمۇ ئېتىزلاردا ساقال كۆرسەتتى ،
كېۋەزلەرنىڭ گۈلى ساناقسىز كەتتى ئېچىلىپ.
ئويلاپ قالىمەن دېھقاننىڭ ئونمىدۇر قوللىرى،
قايسى ئىشنى تېز قىلىپ تۈگىتىدۇ دېھقانلار.
قەدىرلەڭلار دوستلىرىم دېھقان دېگەن زاتلارنى،
دېھقان دېگەن ئۇلۇغ زات، كېلىپ كۆرۈپ كېتىڭلار.
بۇ ئەسەرنى بارلىق جاپاكەش دېھقانلارغاسۇندۇم.
ئەسەر ئاپتورى ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئاپتورنىڭ، ئۈندىدار نومۇرى.15292532364
45 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-15 0:14:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|