ئەپسۇس (شېئىر)
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
كۆزۈڭ كۆرگەن چىمەنلەرنى كۆڭلۈڭ كۆرەلمىدى ئەپسۇس.
بېغىڭدىن ئۆزگە گۈزەللىك ئېۋەن ئۆگەيمىدى ئەپسۇس.
تىلىڭدا سۆيگۈ داستانى,يولۇڭدا ئاشنا گۈلخانى,
يۈرەكىڭدە ۋاپا ئاتەش ھەجەپ كۆيەلمىدى ئەپسۇس.
سەپەر قىلدىڭ پۇتۇڭ كۆكتە كۈلۈپ يۈردۈڭ پاراغەتتە,
ئاتا-ئاناڭ ھالاۋەتنى تۈزۈك سۈرەلمىدى ئەپسۇس,
پەقەت پۇل ياكى يول بولدى سېنىڭ قولۇڭدىكى دوستلۇق,
گاداي تۇغقان بوسۇغاڭغا شۇڭا ئۈنەلمىدى ئەپسۇس.
ئابروي تىغىڭنى چاقلاشتا,خوشامەت دىلبىرىڭ بولدى,
دىلىڭنىڭ كۆلىدە پاكلىق راۋان ئۈزەلمىدى ئەپسۇس,
ئۆزۈڭنىڭ خاھىشى بىرلە,قۇلۇپلانغان كۆڭۈل ئىشىكىڭ,
چۈشەنمەك تەس زەئىپ خۇيۇڭ پەقەت ئۆزگەرمىدى ئەپسۇس.
……2017/1/9
455 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-11 21:51:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|