چىچەك پەسلى
ئې.تۇرسۇن خەنجەرى
ئەجەپ چىرايلىق
چىچەكتەك شۇ قىز
قەلبىم بېتىگە
سالغان ئۆچمەس ئىز....
ئىسىمدە مىنىڭ
چىچەك ئېچىلغان
مەجنۇنتال چاشقان قۇلاق بولغان شۇ كۈنى
تۆت قۇلاق ئىزدەپ
سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن چېغىڭدا
قىلىقىڭدىن شۇنچە سۈيۈنۈپ
يىنىككىنە بىرنى سالغانتىم
كاككۇك قونغان تالدا مەن سىنى...
كۈنلەر
ئايلار
يىللار ئۈتۈپ كەتتى بەك ئۇزۇن
ئەمما
نەچچە قېتىم چىچەك ئېچىلدى
ھەم تۈكۈلدى نەچچە رەت
لىكىن
سۆيگۈم چىچەك ئاچقان ئاشۇ كۈن
كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ پەقەت.
............
چىچەك پەسلى
سىنى سۈيىمەن
تۇزۇسىمۇ سۈتتەك ئاق چىچەك
چىچەك تۆككەن دەرەخ تۈۋىگە
بىرشىڭگىل سۆز كۈمۈپ قۇيىمەن ...
...سىنى سۈيىمەن
چىچەك
2016-يىل
نۇرۇزنىڭ يەتتىسى
25 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-1 8:04:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|