يالغۇزلۇق
ئاقگۈل
يالغۇزلۇق بىلىندى ئەي نىگار ماڭا،
يۈرىكىم تاشلاندۇق بولغانداساڭا.
ئەلەملەر قۇرت كەبى غاجىلار مىنى،
ئەقىدەم سۇ ئىچمەي مىھرىڭدىن ئاڭا.
تىمىتتىم مىھرىمدىم باغرىڭغا تامچە،
تىزغانتىم خارابە كۆڭلۈڭگە ئۈنچە.
نە قىلاي بىلمىسەڭ ھىچ ئامالىم يوق،
باشقىلار كۆيسىمۇ كۆيمەستۇر ئۇنچە.
يالغۇزلىق بىلىندى پىنھان كىچىدە،
ئۆزگىلەر ئايلانسا چىمەن ئىچىدە.
ئەجەپ بىر بولدىغۇ بۇ ئەزىز كۆڭلۈم،
يالغۇزلىق يامانكەن ياشلىق بىتىدە.
يالغۇزمەن غىرىپلىق چۆل كۈلبىسىدە،
يالغۇزمەن ھىجراننىڭ ئول كوچىسىدە.
ئىچىمەن ھەر كۈنى لىققىدە ھەسرەت،
تولدۇرۇپ ئازاپنىڭ شۇ چىنىسدە.
تىپتىنىچ ئايدىڭدا قارايىتتىم ئايغا ،
شولىسى چۈشەتتى چنىدىكى چايغا .
مىسالى يايرىم ئاي مەن گوياكى چاي ،
يوق بولغاچ كۆڭۈلدە يايرىمدىن باشقا .
نە قىلاي ئاھ ئۇرۇپ بولدى بەس قويغىن،
يالغۇزلۇق سازىنى مۇڭلۇنۇپ چالغىن .
ۋۇجۇدۇم قىلاركىن شۇنداق بىر سادا،
خالمۇرات يۈرەكنى مۇز قىلپ ياشىغىن.!
164 قېتىم كۆرۈلدى | ahgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-16 2:30:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|