ئوتتۇز سەككىز باھارىمغا مۇبارەك - مېھىرنىسا قۇربان
ئوتتۇز سەككىز باھارىمغا مۇبارەك
(تۇغۇلغان كۈنۈمگە بىغىشلايمەن)

مېھىرنىسا قۇربان

مېنىپ مەھكەم ئۆمۈر دىگەن ئېتىمغا،
يېتىپ كەلدىم ئوتتۇز سەككىز يېشىمغا.
بېسىپ ئ‍ۆتتۈم مۈشكۈل ھايات يولۇمنى،
ئانچە-مۇنچە قىراۋ قوندى چېچىمغا.

ئۆتۈپ بۈگۈن ئوتتۇز سەككىز باھارىم،
ئوتتۇز سەككىز غۇنچە گۈلۈم ئېچىلدى.
بەرگىم ئارا گاھى شەبنەم قېتىلىپ،
ئوتتۇز سەككىز گۈل بەرگىلەر چېچىلدى.

ئوتتۇز سەككىز نۇرنى بەردى بۇ ھايات،
ھەر سەھەردە قۇياش كۈلۈپ قارىدى.
ئېچلسام مەن خۇشپۇراقلىق گۈل بولۇپ،
بۇلبۇلۇممۇ خەندان ئۇرۇپ سايرىدى.

تەبرىكلەيمەن ئوتتۇز سەككىز يېشىمنى،
ئامان قىلسۇن تىلەي تەڭرىم بېشىمنى.
ياخشى كۈنلەر نېسىپ بولسۇن ماڭىمۇ،
ئاققۇزمىغاي بىر تامچىمۇ يېشىمنى.

ئوتتۇز سەككىز ھاياتىمغا مۇبارەك،
يېتەي كۈتكەن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانغا.
ئۈمىد بىلەن ياشاپ ئۆتەي ھەر كۈنى،
يېتەي مەنمۇ بەختىم كۈلگەن تاڭلارغا.
2016-08-04، غۇلجا شەھىرى




30 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-16 1:06:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ