سىنى ئويلىسام - يۈسۈپجان

سىنى ئويلىسام 


 يۈسۈپجان


 كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەس سىنى ئويلىسام،
ئازابلاردا قىينىلىمەن سىنى ئويلىسام.
تەقدىر نىچۈن ئۇچراشتۇردى بىزنى شۇ چاغلار،
ۋىسالىڭغا ئىنتىلىمەن سىنى ئويلىسام .


ئىيتالمايمەن ئەمما ساڭا يۈرەك سۆزۈمنى،
كۆمۈپ ئۆتەر مەيىن شامال ماڭغان ئىزىمنى.
شۇنچە غىرىپ شۇنچە يالغۇز ھىس قىپ ئۆزۈمنى،
تەقدىرىمگە يىلىنىمەن سىنى ئويلىسام.


كەچكۈزدىكى يۇپۇرماقلار مىنىڭ مىسالىم،
شىئىرىمنىڭ مىسرالىرى پىغانىم زارىم.
ئۈنسىز كۈتتۈم مىنىڭ باشقا يوقتۇر ئامالىم،
سىناقلاردا تىلىنىمەن سىنى ئويلىسام .


تىگى چىقماس خىياللارنىڭ بولدۇم قۇلىمەن ،
كەچ كۈزدىكى يوپۇرماقتەك ئ‍استا سۇلىمەن .
ئ‍اھ قاچانمۇ شۇ غەملەردىن ئ‍ازاد بولىمەن ،
ئارمانلارغا ئ‍ىلىنىمەن سىنى ئ‍ويلىسام .
     





39 قېتىم كۆرۈلدى yusupjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-23 12:57:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ