يېڭى يىلدا قانداق ياشايمەن ؟!
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
يېڭى يىلدا قانداق ياشايمەن ؟!
يېڭىچە ياشاش ئۇنتۇشمۇ ئىزنى .
كەلدى ئۆلۈم بىر يىل يېقىنلاپ ،
قانداق ئۆتكۈزەي مەن بۇ يىلنى ؟!
يېڭى يىلدا قانداق ياشايمەن ؟!
يول تاپتىممۇ مەزمۇت ماڭالىغۇدەك .
ئىزىپ كەتمەي چىغىر يوللاردا ،
نىشان بارمۇ كۆزلەپ بارالىغۇدەك.
يېڭى يىلدا قانداق ياشايمەن ؟!
ئۆتمۈش بولدىمۇ ماڭا بىر ساۋاق.
ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەرلەر ئاققۇزۇپ ،
ئېرىشكەنلىرىم بولدى قانداقراق ؟!
يېڭى يىلدا قانداق ياشايمەن ؟!
كۈلدۈم يىغلدىم ئۆتتى كۈنلەر.
ئۈمۈد بىلەن باقتىم ھاياتقا ،
ماڭالىدى قول تۇتۇپ كىملەر .
يېڭى يىلدا قانداق ياشايمەن ؟!
ئىبرەت بولدى يەنە نىملەر .
ئالدىم ھاياتتىن قانداق دەرس ،
ئۈلگە بولدى ماڭا كىملەر .
يېڭى يىلدا قانداق ياشايمەن ؟!
باقىۋەندىمۇ ئاتا-ئانا بىزگە .
رازى قىلىڭ ئاۋال ئۇلارنى ،
يېڭچە ياشاش بولسۇن سىزگە .
2016-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ( كېچە )
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 123 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-1 20:11:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|