سۆيەرسەن قاچان
نۇرمەمەتجان
كۆيۇپ ساڭا ئۆمۈت باغلاپ كۈتتۈمغۇ نىگار،
بىلدىڭ لىكىن ئىشەنمىدىڭ سۆزۇمگە زىنھار،
سېنى ئويلاپ ئۇزۇن تۈندە ئۇيقۇمدىن بىدار،
بار قەلبىمدە بىرلا ئۆزۇڭ ، سۆيەر سەن قاچان.
يەتمەك ئەجەپ تەس بولدى ۋەسلىڭگە سېنىڭ،
ئۆتەرمۇ يا زارلىنىپ كۇن تۈنۈم مېنىڭ ،
قولۇڭ بەرگىن قەلبىڭدىن ئېيتقىن بىر سىرىڭ،
بار بەختىمدە يەنە ئۆزۇڭ ، سۆيەر سەن قاچان.
ئۆمۈتلۈك مەن كەچكىم يوق سېنىڭدىن پەقەت،
قويما مېنى ئازابىلارغا بەرمىگىن ھەسرەت ،
سۆيگۈ سوراپ زارلاندىم ھېچ قالمىدى تاقەت ،
بارلىغىم سەن بىر ئۆزۇڭ ، سۆيەر سەن قاچان.
قاغجىرايدۇ تۇپراق كەبى سەنسىز يۈرۇگۇم ،
يوللۇرۇڭغا تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە كۆزۇم ،
ئىشەن گۈلۈم ماڭا بىررەت چىندۇر بۇ سۆزۇم ،
تەشنا بولدۇم شۇ مھرىڭگە ، سۆيەر سەن قاچان.
، ،،،،،،،،،،،،نۇرى،،،،،،،،،،،،
| 211 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرمەمەت سەيدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-27 23:51:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|