تۇرنىلار
رەيھانگۈل راشىدىن ( سەلكىن )
سۈزۈك بۇلاق لىۋىدە
سۇ ئىچىپتۇ تورنىلار ،
ئۇچۇپ كەلگەن جەنۇبتىن
يىراق ئۇلار ھىيلىدىن.
مەن دادامنىڭ ئۆز ئەكسى
خىزىر سىياق كونىلار.
تورنىلارغا خەت يازدىم
تېزدىن كېلىپ كۆرۈڭلار ،
قۇمۇش بەللەك جانانلار
تولۇپ كەتتى ئاسمانغا.
دادام سۆزلەر ھېكمەتتىن
رەزىل نىيەت ئوغرىنى ،
دۇمبالاڭلار ئۇرۇڭلار .
مۇھەببەتلىك تورنىلار
ئېلىپ كەپتۇ سالامنى
دېڭىزلاردىن تاغلاردىن .
مەن سىياقتا سۆزلەيدۇ ،
دەرەخ شېخىدا ئۈنلەيدۇ،
يورۇق قىلار پەيلىرى
قۇم- بورانلىق كۈندۈزنى .
ئانام ئېيتقان تورنىلار ،
دادام ئېيتقان تورنىلار ،
بوۋام ئېيتقان چۆچەكتە ،
ئەكىس ئەتكەن تورنىلار .
ئېلىپ كەلسە يامغۇرنى ،
مەن چۈشەرمەن ئۇسۇلغا
كۈندە چۈشكەن پەدىدە.
تورنىلارغا دەپ قويدۇم
ئۆلۈپ كەتسەم ناۋادا ،
مېنى ئېلىپ كېتىڭلار،
تىرىلسەم مەن ناۋادا ،
سۆزلەي ئۇلار تىلىدا .
بۈگۈن كېچە بۇزلۇپتۇ
شالغۇت سىياق چۈشلىرىم ،
تورنىلارنى كۆردۈڭمۇ ،
مەن غېرىبنى سۆيدىڭمۇ،
دادام بەرگەن قەغەزگە
ئۆز ئىسمىڭنى يازدىڭمۇ .
بالام مېنىڭ ئۈمۈدۈم
تورنىلارغا ئېسىلدىم ،
مېنى ئېلىپ كېتىڭلار !
ھېكايەمنى سۆزلىسەم ،
بىر رەت ئاڭلاپ كېتىڭلار !
| 77 قېتىم كۆرۈلدى | 101520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-8 0:03:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|