گۈلۈمگە كۆڭلۈم

گۈلۈمگە كۆڭلۈم

 

 ئادىل ئازات

 

كۆزلىرىڭنى كۆزۈمدىن ئۈزمەي،

 ماڭا كۆڭلۈڭ قانچىلىك دىدىڭ.

 ساڭا قىلچە ئارتۇق سۆزلىمەي،

 بىلىق بولسام سەن دەريا ئىدىڭ.

 

چۈشىۋاتقان قارنى تۇتۇپ باق،

تۇتقانلىرىڭ سىنىڭ نىسىۋەڭ .

سەن تۇتالماي يەرگە چۈشكەن قار،

 ساڭا بەرگەن پاك سۆيگۈمگە تەڭ.

 

 ئەمدى گۈلۈم بىلەلىدىڭمۇ،

 ساڭا زادى كۆڭلۈم قانچىلىك؟

سەن بىلىسەن ساننىڭ چىكى يوق،

مىنىڭ كۆڭلۈم ئاشۇ سانچىلىك.

 

 ئەمدى يەنە سوئالىڭ بارمۇ؟

 ساڭا بولغان كۆڭلۈم توغۇرلۇق.

ئوغۇرلاپسەن كۆڭلۈمنى دىمە،

كۆڭۈل ئېلىش ئەمەس ئوغۇرلۇق

 

12.دىكابىر





109 قېتىم كۆرۈلدى sawda ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-14 0:15:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ