ھەي نادان - بۇخەلچەم ھۈسەن (پىنھان )

ھەي نادان

 

بۇخەلچەم ھۈسەن (پىنھان )

 

ئ‍ازاپسىز شۇ كۈنلەر كېلەرمۇ قايتىپ،

 پەرىشان دىل -كۆڭۈل ، جانسىز تەنلىرىم.

ئ‍اھ ئ‍ۇرۇپ يۈرىمەن يىگانە - غېرىپ ،

 ۋاقىتسىز ئ‍اقاردى قارا چاچلىرىم .

 ئ‍ىنتىلگەن بەخىتلىك ، ئ‍ىللىق ئ‍ائىلەم ،

تەگدىمۇ ياكى كۆز ، ئ‍ۇردىىغۇ ئ‍ۈششۈك.

مۇزلىدى يۈرىكىم ، كىرپىكلىرىم نەم ،

گۈلزارلىق بېغىمنى باستى تىكەنلىك.

ۋاپانى بىلمىدىڭ ، ئ‍ازدىڭ ھەي نادان،

 شەيتانلار يولىغا باستىڭ چوڭ قەدەم .

يوللىرىڭ قىيالىق ، ئىگىز ھەم داۋان ،

سورىقى ۋىجداندا تۇتارسەن ماتەم!...





288 قېتىم كۆرۈلدى پىنھان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-24 12:21:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-25 13:32:59 خۇشنۇر
داۋاملىق تىرىشىڭ ،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن💐💐💐💐💐💐💐
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ