بۇ كېچە (شېئىر)
قىزىل تۇمان
قاغجىرغان ۋۇجۇدۇم كۆيدى چاراسلاپ ،
قار ياغقان كېچىدە مۇزلايمەن يەنە ،
يالاڭئاياغ كوچىدا يۈرەر خىيال ،
سەزدىممەن شۇنچىلىك سوغۇق بۇ كېچە .
ئۇيقىسىز مۇز تۇتتى مەڭزىمدىكى ياش ،
سۆيگۈنىڭ ھىجىرانى سىڭگەن ئۇنىڭغا ،
نەشتەردەك ئۇرۇلغان شىۋىرغانلىق قار ،
ئاتىغان ئۆزىنى بۇ كېچە ماڭا .
سۆيگۈ دەپ يۈرۈيمەن بۇ كېچە ئېزىپ ،
ئوتلۇق لەۋلىرىڭدە سۆيگىن باغاشلاپ ،
قانغاندا ۋۇجۇدۇم سۆيگۈڭگە بۇ دەم ،
بۇ كېچە مەن ئۈچۈن كەتمەس يىراقلاپ .
ئاپتور :ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
2016-يىل 28- دېكابىر
| 130 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-29 1:52:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|