كۆردۈم سىنى يەنە نىگارىم بۈگۈن

         كۆردۈم سىنى يەنە نىگارىم بۈگۈن



كۆردۈم سىنى يەنە نىگارىم بۈگۈن،
يىغا ئولاشتىغۇ شۇئان قەلبىمگە.
ئۆرتەندى يۈرۈكۈم ئاچچىق ھەسرەتتىن،
بەك ئازار بەرگەنتىڭ نازۇك كۆڭلۈمگە.


جۈپ كۆزلەر ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقە،
تولغاندى يۈرۈكۈم ئەلەم دەستىدىن.
قالغاچقا قەلبىمدە گۈزەل ئەسلىمە،
بويسۇنماس ئۆزۈمگە كۆڭلۈم ئەزەلدىن.


مەن سىنى سۆيىمەن دىگەنتىڭ ماڭا،
ئىشەنچ ھەم ساداقەت بولمىدى بىراق.
جۈپ-جۈپلەپ يار تۇتتۇڭ چىداپ ۋىجدانىڭ،
چەكتىمغۇ سەن ئۈچۈن ئۆچمەس دەرت-پىراق.

يار سىنى سۆيگەنىم بولدىغۇ گۇناھ،
خارلاندى ئەقىدەم توزىدى گۈلۈم .
سۆيمىسەڭ مەيلىتى سۆيۈپ ئالدىدىڭ،
ھىجراندا ئۆتتىغۇ بۇ ھايات يولۇم .

سۆيمىسەم بوپتىكەن ئەسلى مەن سىنى،
بىلسەم ئىدىم ئازابىڭغا قالارىمنى  .
سۆيەتتىم گۈل قىلىپ قىسقان شۇ يارنى،
نە قىلاي  سەن  يۈتتۈڭ  نەۋ باھارىمنى.

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589


     





51 قېتىم كۆرۈلدى رەناگۈل ئوسمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-12 11:17:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ