خىيالى دۇنيا

خىيالى دۇنيا

 

كىچىكىمدىن ھەمراھ ئىدى ۋاپادار بىرى،

 مەن ئۈچۈن جانلىرىدىن كېچەر ئىدى .

 لېكىن ئەجەل ئايرىدى ۋاقىتسىز مەندىن ،

 قان يىغلىسام يېنىمغا كېلەرمۇ ئەمدى.

 

 ئۇ دۇنياغا بارغاندا كۆرۈشەي ئەمدى ،

كۆز يۇمىدۇ ھەممىسى كەلگەندە ۋاقتى .

 ئەتراپىمدىن ئىزدىسەم يوقكەنسەن ئاكا،

 ئويغاندىممەن خىىيالدىن چۆچۈپ بىر كۈنى.

 

 ھەممە ئادەم يۈرىدۇ ئۆز ئىشى بىلەن،

بەزى ئىشلار ھەقىقى، بەزى خىيالەن.

 ساختىلىققا تولغان نىچۈن بۇ دۇنيا،

 ئۆز ئۆزۈمنى تونىمىسام مەنمۇ بىر كۈن كېتىمەن.

 

 مانا كۆز ئالدىمدا خىيالى دۇنيا،

 كېسەل ئۈچۈن شىپالىق دورا تۇتىيا.

 لېكىن مەن ئۈچۈن قىممەت ھاياتلىق،

 كۆڭۈل كۈلسە ھەر ۋاقىت كېسەل ساقىيا.





94 قېتىم كۆرۈلدى hiyalidunya ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-9 21:21:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ