غازاڭ ھەققىدە

‏غازاڭ ھەققىدە

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم ‏ ‏

 

يەرگە چۈشۈپ غازاڭلار،

 ‏زىرىككەندەك دەرەختىن.

 ‏راھەتلىنىپ ياتاتتى،

‏ھوزۇر ئېلىپ تۇپراقتىن.

 

‏ ‏شامال چىقىپ تۇيۇقسىز،

 ‏ئۇچرۇپ كەتتى نەگىدۇر.

 ‏غازاڭ ئەمەس ئۇچۇرغان،

 ‏ھاياتلىقنىڭ بەرگىدۇر. ‏

 

 ‏شىلدىرلاشتىن غازاڭلار،

 ‏جىمىپ قالدى ئاخىرى،

 ‏يىتىپ ئارزۇ - ئارمانغا،

‏يىشىلگەندەك خۇمارى. ‏

 

 ‏شىلدىرلىغان غازاڭنىڭ،

 ‏يوقتۇر غەيرى خۇمارى.

 ‏ئۆتكىنىنى ۋاقىتنىڭ،

‏بىلدۈرۈشتۇر شۇئارى.

 

 ‏ ‏چىقتى مانا زەر قۇياش،

 ‏نۇر چاقنىتىپ سامادا.

‏ئۇچۇشمىدى غازاڭمۇ، ‏

شىۋىرلىشىپ ھاۋادا.

 

 ‏ ‏قايتسا قۇياش ئورنىغا،

 ‏ئېلىپ كىلەر سۈكۈتنى.

‏بارچە ئەلگە ئەسلىتىپ،

 ‏ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتنى.

 

‏ ‏ئۆتۈپ كىتىپ جىممىدە،

 ‏ئالتۇن تونلۇق پەسلمۇ.

 ‏ئايان بولدى سەزدۈرمەي،

 ‏ئاپپاق قارنىڭ ۋەسلىمۇ.

 

 ‏ ‏ئېغىر تىنىپ تەبىئەت،

 ‏چېچپ قاردەك ھىسلارنى.

 ‏ئەسلەتمەكتە ھەممىگە،

‏ئۆتكەن ھەر بىر ئىشلارنى.

 

 ‏ ‏ماتەم تۇتۇپ دەرەخمۇ،

‏«چىللە»دىكى تۇمانغا. ‏

تىلەك تىلەر سۈكۈتتە، ‏

ئۇيقۇدىكى جاھانغا. ‏ ‏

 

باھار كەلسە ئىتتىكرەك،

 ‏سالساق ئاپپاق خالاتنى.

 ‏بىخ چىقارساق غازاڭلار،

 ‏داۋام ئەتسە ھاياتنى.

 

 ‏ ‏بولدىمىكىن ئىجابەت،

‏دەرەخلەرنىڭ تىلىكى.

 ‏بىر سېزىمدىن ئىللىدى،

‏نوتىلارنىڭ يۈرۈكى. ‏

 

 ‏«چىللە» مۇ ئۇزاپ تامام،

‏كەلدى نەۋرۇز يىل بېشى.

 ‏خۇشلۇقتا ھەر جايلاردا،

‏قاينىدى نەۋرۇز ئېشى. ‏

 

 ‏ۋىلىقلاپ كۈلدى شۇ چاغ، ‏

تۇيۇنغاچ سۇغا جاھان. ‏

مەمنۇن بوپ بۈگۈن مانا،

‏سالدى قوش يەرگە دېھقان. ‏

 

 ‏رەڭلىك بەلباغ باغلىشىپ،

 ‏كەلگەچكە چىچەك-چوكان.

‏چۆمدى ئەمگەك كۈيىگە،

‏ئېتىز-ئېرىق،باغۇ-بوستان. ‏

 

‏ئەمگەك مىھرىنى ئېلىپ،

‏كەلگەندە گۈزەل يازمۇ.

‏ئالدى ئىلھام بۇنىڭدىن،

 ‏قېرى-ياش،سەبى قىزمۇ.

 

 ‏ ‏خۇشپۇراق چېچىپ گۈللەر،

 ‏ھىد بەردى ياز پەسلىگە.

‏خۇشلۇقتىن جانلاندى تەن،

 ‏يەتكەندەك يار ۋەسلىگە.

 

‏ ‏تۇيدۇرماستىن ياز ئۆتۈپ،

 ‏كەلدى يەنە سېخى كۈز.

 ‏بەزەن غازاڭ سارغايدى،

‏بەزەنلىرى قىزىل يۈز. ‏

 

‏ئۇچراپ غازاڭ تاللاشقا،

‏تاللىدى ئۇ چۈشۈشنى.

‏مۇھىم بىلگەچ ئەزەلدىن،

 ‏يېڭى ھايات باشلاشنى.

 

 ‏ ‏غازاڭ بىلسە ۋاقىتنى،

‏ئىنسان تۇرۇپ بىلمىدۇق.

 ‏غازاڭچىلىك بولالماي،

 ‏ۋاقىتنى ئۇتالمىدۇق. ‏

 

‏2015-يىل5-ئاپرىل باي ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏





179 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبرايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 23:54:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ