بالىلىققا قايىتسام دەيمەن

         بالىلىققا قايىتسام دەيمەن
مەمەتجان سەمەت

ئەجەپ گۈزەل بىر چاغلار ئىكەن،
ئويلاپ باقسام بالىلىق دىگەن.
                     بەك سېغىندىم شۇ كۈنلەرنىمەن،                          بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.

ھېچ نەرسىدىن يوق مېنىڭ غېمىم،
سەبى ئوماق شۇ گۈدەك چېغىم.
نەدە قالدى مەن تاپالمىدىم،
بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.

ئانام مېنى پەپىلەپ باققان،
ئەللەيلىتىپ  ئۇخلىتىپ ياتقان.
ئاق سۈت بىرىپ باغرىغا باسقان،
بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.

دوسلار بىلەن قوغلىشىپ يۈرگەن،
تالچىۋىقنى ئات ئىتىپ مىنگەن.
كىم يامان دەپ بەيگىگە چۈشكەن،
بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.


تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ 

ئۈندىدار : qq1165181317

مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇقادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589
     





338 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-1 9:41:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ