​ ئاشىق (سىممىترىك شېئىر) - ئاشقىن

 ئاشىق  
             
 گۈل شاخىدا
  سايرايدۇ بۇلبۇل
  بىر گۈلنىڭ ئىشقىدا  
 خەندان ئۇرۇپ ھەر ياندا
 كۈيلەشتىن توختىماس ئەبەد
بوران ـ چاپقۇن كۈندە جۇدۇندا
 سۆيسۇن سۆيمىسۇن ئۆمرىدە بىر رەت
سايرايدۇ  ئۆمرىدە   گۈل   دەپلا    پەقەت
ئاشىقلىققا   داۋا   يوق   بولغاچ   شۇ سەۋەب
 كاككۇكقا   زەينەپ  ئاشىق  بولدى  شۇندىن  
 كاككۇك  دەپ  كېچەر  ھەتتاكى  جاندىن
 ئۇنتۇماس     ئىزلەيدۇ    ھەر     زامان  
 سايراپ   توختىماس  ھىچ  قاچان
 تەققازالىق       قىينايدۇ
   بولسا  كاككۇك ئەگەر
زەينەپ ھەر قايان
 ئىزدەر  شۇئان

- ئاشقىن
     





112 قېتىم كۆرۈلدى AXKIN ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 2:09:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ