خىياللىرىم ئېسىلدى يۇلتۇز بوينىغا - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرەتېكىن

خىياللىرىم ئېسىلدى يۇلتۇز بوينىغا 

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرەتېكىن


ئۇپۇقتىن كۆرۈندى شەپەق شولىسى،
تارتىنىپ قىزارغان قىزنىڭ يۈزىدەك.
يۇلتۇزمۇ كۆكتە كۆزۈندى خىرە،
سەكراتتا ياتقان بوۋام كۆزىدەك.

چىراقلار ئۆچتى ھەممە تىپ-تىنىچ،
خۇددى كېچىگە مەھكۇم بولغاندەك.
ھەممە سۈرلۈك,تىنىقلار ئېغىر،
ئاشىق مەشۇقىدىن جۇدا بولغاندەك.

كېچدە ئايمۇ شۇقەدەر مىسكىن،
ياكى زەرەتلىنىپ كەتتىمۇ مەندىن.
يۈزىنى ئېچىپ باقمىدى كۈلۈپ،
ياكى روھى قاچتىمۇ تەندىن.

بولدى كەتتىم ئۇيقۇ خانەمگە،
تاشلاپ ئەلەمنى كېچە قوينىغا.
ئېسىپ قويدۇم خىياللىرىمنى،
مارجان قىلىپ يۇلتۇز بوينىغا.





49 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-17 17:01:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ