يەرنى سېتىپ
ياۋۇز007
ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ ،
مۇھتاجلىقنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ .
كۈچ-مادارلىق نەق رىسقىڭنى ئېسىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ،
زەر بۇلاقنىڭ كۆزلىرىنى ئېتىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ.
ماكانسىزنىڭ ھالى نىچۈك؟ئىشەنمىدىم ھىچ ئەقلىڭگە ،
ئەۋلادلىرىڭ يوللىرىنى ئېتىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ .
ئەمدى نە ئىش قىلغۇلۇق ؟ گەر تۈگىسە يەرنەڭ پۇلى ،
چاكاچىلىققا پەرزەنتىڭنى قېتىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ.
يوقمۇ ھەققى ئەۋلادىڭنىڭ مۇھتاجلىقتىن نېرى تۇرۇش!؟
تونلىرىنى جۇل سائىلدەك يىرتىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ.
ئۆكسىمەيتى داستىخاننىڭ نازۇ-نىممەت ، لەغمەن پولو،
ئاچچىق تەمنى ئالتۇن جامغا سېلىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ.
كۈۋەجىگەن ھالال تەردە ئەسلى دېھقان تۇمۇرلىرى ،
نەسلىڭ ئۇنتۇپ ساپ قېنىڭنى بۇزۇپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ.
مېھنىتىدىن كۈمۈش تەرلەر چاچاتتى نۇر-ھاياتلىقتا ،
گۈل چىرايىغا زاپىرانىنى سىزىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ.
قىسمىتى نە ئەۋلادىڭنىڭ بىلىپ بولمايدۇ ئاقىۋەت ،
مەنزىلىگە قىزىل چىراق يېقىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ .
خاقانىدۇر زېمىننىڭ دېھقان دىگەن بىباھا ،
تەۋىكاغا قىممىتىڭنى ئېتىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ .
داۋام ئەتكەن ئۈزۈلمەستىن ئانا تۇپراقتا ھاياتلىق ،
قايسى ئوي ھەم قايسى كويدا سېتىپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ.
ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ ،
مۇھتاجلىقنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ قويدۇڭ يەرنى سېتىپ .
| 158 قېتىم كۆرۈلدى | yawuz007 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-23 23:11:04 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|