ئادەم دېمە
 ئادەم دېمە
 
ھەقنى ناھەق،ناھەقنى ھەق دېمە،
دوستنى دۈشمەن دۈشمەننى دوست دېمە.
بۇرنۇڭنى ئۇچىنى ئالەم  دېمە،
مېڭىپ يۈرگەن ھەممىسى ئادەم دېمە.

قورۇق باسقان قوللار قوپالكەن دېمە،
ياخشىچاق بولمىسا ئوسالكەن دېمە.
تەرسىز نىممەتنى ھالالكەن دېمە،
ئاچچىق زەھەرنى ھەسەلكەن دېمە.

يىغلىتىپ ئۆزگىنى مەن كۈلدۈم دېمە،
مەنپەئەت ئالدىدى ھەم ئۆزۈم دېمە.
ئاچ-زارنى كۆرمىدى كۆزۈم دېمە،
خان بۇيرۇقى مېنىڭ سۆزۈم دېمە.

قېرىنداشتىن ياتلاشسا ئادەم دېمە،
ئىتلاركەبى قاۋاشسا ئادەم دېمە.
يىلان كەبى چىرماشسا ئادەم دېمە،
تۈلكە كەبى ئالداشسا ئادەم دېمە.

ئىپپەت نومۇس پۇل بولسا ئادەم دېمە،
غورۇر ۋىژدان قۇل بولسا ئادەم دېمە.
پاك مۇھەببەت تۇل بولسا ئادەم دېمە،
چىركىنلىككە ئۇل بولسا ئادەم دېمە.

ئۆچەرئىزلار،يوقالماس ئادەم دېمە،
قىسقا ھايات ،ئۆلمەيدۇ ئادەم دېمە.
سوراققا جاۋاب بەرمەيدۇ ئادەم دېمە،
جەننەت دوۋزاق بۆلۈنمەس ئادەم دېمە.
 
بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنى ئالەم دېمە.
مېڭىپ يۈرگەن ھەممىسى ئادەم دېمە.


       -ياپراق يازمىسى




126 قېتىم كۆرۈلدى 1838207873 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-17 10:28:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ