تاھىرجان مۇئەللىمگە
يەكەن 1.ئوتتۇرا مەكتەپ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى تاھىرجانغا بىغىشلايمەن !

مەرىپەت بىغىدا تاھىرجان شامغا ئوخشايسىز،
گويا ئىرىپ تۈگىمەس جانغا ئوخشايسىز .

سىزدىن ئىلھام ئالىدۇ تالاي سەبىي دىل ،
سىز مۇۋەپىقىيەت ھەم شەرەپ شانغا ئوخشايسىز .

روھىڭىزدا پاكلىق سۈيى تۇرار دولقۇنلاپ ،
شۇنچە سۈزۈك شۇنچە ساپ قانغا ئوخشايسىز .

ئالۇر سىزدىن چىن سۆيگۈ زۆھرە سۇغۇرۇپ ،
مۇھەببەتتە پۈتمەس تۈگىمەس كانغا ئوخشايسىز .

شۇ مىھىرلىك كۈلبىڭىز شادلىققا چۆمسۇن ،
تەجەللىنىڭ دىلىدا مەڭگۈ خانغا ئوخشايسىز .

سىز ئۆيىڭىز تۈۋرۈكى دىلنىڭ يۆلىكى ،
داستىخاندا كەم بولماس نانغا ئوخشايسىز .

مەشۇقىڭىز زۆھرە سىزنى سۆيەر چىن دىلدىن ،
يىگانىڭىز ئالدىدا ئەڭ چوڭ سانغا ئوخشايسىز .

ھوسۇل بەرگەي مىھرىڭىزنىڭ ئېتىز قىرلىرى ،
ھەر قەلىبكە چىچىلغان دانغا ئوخشايسىز.

2016.7.25 ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن يەكەن




30 قېتىم كۆرۈلدى arqen ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-20 12:30:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ