كۆزلەر سۆيىدۇ

كۆزلەر سۆيىدۇ

 

(گۈزەلنۇر ئىدرىس)

 

 بوغۇزغا كەپلىشىپ بىر پىغان ھىجران،

 كۆزياشنى چاناقتىن سىقىپ قوغلىدى.

 بۇرۇنلار ئېچىشىپ ،قىزاردى جىيەك .

تىل كەلدى زۇۋانغا كۈچەپ توۋلىدى .

 

 مىدىردى سۆڭەكتىن يارالغان جۈپ چىش،

 چىشلىدى شۇ تىلنى قاتتىق غەزەپتە.

تىل گۆشقۇ ،چىش دېگەن سۆڭەكتۇر ئاخىر،

 ناتىۋان شۇ تىلنى قىلدى مىڭ لەختە.

 

 نەھاجەت چىشلاردىن زارلىنىش رەنجىش،

 سۆيگۈنى بىلمەسكەن ئەزەلدىن سۆڭەك.

 ئەگەردە بولسىدى ئۇنىڭدا سۆيگۈ ،

 سۆڭەكتىن پۈتۈلۈپ سوقاتتى يۈرەك !

 

 ۋادەرىخ ،تىلىدىن ئايرىلغاچ سۆيگۈ ،

 مۇھەببەت بابىدا قىلالمىدى سۆز .

 چىنلىققا گۇۋاھ بوپ شۇنىڭدىن بېرى،

سۆيسە بىر ئىشارەت بېرەر ئىكەن كۆز.

 

 2015 -يىل 15-دېكابىر (كېچە)





108 قېتىم كۆرۈلدى naima ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-16 1:42:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ