ئەي ئەزىزەم نەدىتىڭ شۇ چاغ
كۆزلىرىمدىن تۆككەندە قان ياش ،
تاشتىن بەتتەر قاتقاندا بۇ باش .
ھەتتا مەندىن مۆككەندە قوياش ،
ئەي ئەزىزەم نەدىتىڭ شۇ چاغ …
مېۋىلىرىم ئاتىلىپ پۈچەك ،
ئەلەم بىلەن ئۆرتىنىپ يۈرەك .
مەن يىغلىسام ئىزدەپ بىر يۆلەك ،
ئەي ئەزىزەم نەدىتىڭ شۇ چاغ …
تاغلار كەبى باسقان مېنى غەم ،
يىگانە مەن تاپالماي بىر پەم ،
يىغلىغانتىم يېلىنىپ شۇ دەم .
ئەي ئەزىزەم نەدىتىڭ شۇ چاغ …
بولمىسىمۇ سۆزلەرگە رايىم ،
قالمىسىمۇ قىلچىلىك ھالىم.
سامالارغا يەتكەنتى زارىم ،
ئەي ئەزىزەم نەدىتىڭ شۇ چاغ …
خالىمىسام ئېلىشنى ئارام .
ساقايماستا دىلدىكى يارام ،
ئەللەر مېنى دېيىشسە قارام ،
ئەي ئەزىزەم نەدىتىڭ شۇ چاغ …
كۈلۈپ قوياش يېشلىسە تۈگۈن ،
سوراقلارغا ھالىڭ بار بۈگۈن .
جاۋاپ بەرگىن ئۆتكەن تۈنۈگۈن،
نەلەردىتىڭ ئەزىزەم شۇ چاغ…
| 48 قېتىم كۆرۈلدى | yakta | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-28 19:54:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|