ۋاز كېچىشكە مەندە يوق چارە
(ئەسقەر قۇربان)
قەلبىم گويا بىرچەكسىز دېڭىز،
سەن ئۈچۈنلا سوقار تىنىمسىز .
كۆيدى يۈرەك ئوتۇڭداجېنىم ،
يۈرمە زىنھار بۇندىن خەۋەرسىز .
ئېلىپ قاچتىڭ خوشاللىقىمنى ،
پۇراق چاچماس گۈلۈممۇ سەنسىز.
ۋاپاسىزلىق قىلساڭ ئەگەردە ،
ئۆتەر كۈنۈم بەكمۇ مەنىسىز .
ئاشىق ئىدىم شىرىن سۆزۈڭگە ،
تالچىۋىقتەك زىلۋا بەستىڭگە ،
سۆيگۈ ئۈچۈن قېينالدى جېنىم ،
مەن يىتەرمەن قاچان ۋەسلىڭگە ،
سايەڭ بولسام دەيمەن ھەمىشە ،
ئەگىشىپلا يۈرسەم ئارقاڭدىن .
يۈرۈكىڭنى بەرگىن ئامرىقىم ،
قىينالمىسۇن يۈرەك ئازاپتىن .
يوللۇرۇڭغاقاراپ نەچچە رەت ،
سېنىڭ ئۈچۈن بۇيۇرەك پارە،
ۋاپاسىزلىق قىلمىغىن يارىم ،
ۋاز كېچىشكە مەندە يوق چارە .
مەنبە :كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى .
| 218 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-9 17:16:55 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|