كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
ۋەدە بىرىپ ماڭا مىڭ -مىليۇن ،
كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا !
سەۋدايىمەن ئېشقىڭدا مەجنۇن ،
كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا !
ساقىت قىلىپ مېنى نەزەردىن ،
دان ئىزدىدىڭ ، نان تۇرۇپ يەردىن .
كىچىپ مەندەك نەۋقىران ئەردىن ،
كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا !
پاك مېھرىمگە كۆنەلمەي زېنھار ،
يا، ئەتمىدىڭ قىشىمنى باھار .
يەتمەستە ھېچ ئاداققى قارار ،
كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا !
كۆزلىرىمنى يېغلىتىپ ياشتا ،
كۆيدۇرۋەتتىڭ ناز قىلىپ باشتا .
يا قولۇڭدىن بىرەلمەي ناشتا ،
كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا !
مەن يۇرسەممۇ سېنى دەپ غەمدە ،
ئاچچىق بولدى مېھرىڭ مەي تەمدە .
خۇش دىمەستىن ئاخىرقى دەمدە ،
كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا !
ئەمدى ساڭا يوقتۇر پەرۋايىم
ھەم سېنىڭدىن يوقتۇر تامايىم .
مەن يېگانە شېئىر ھەمراھىم ،
كەتتىڭ نىگار ياتنىڭ قىشىغا !
| 24 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-1 23:21:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|