يامغۇر يېغىۋاتىدۇ

         يامغۇر يېغىۋاتىدۇ

سائادەت ساتتار

يامغۇر ياغقان يەنە بىر سەھەر،
زەپمۇ مىسكىن تۆكىدۇ كۆز ياش.
تۇمان باسقان خىيالچان شەھەر،
مۇڭلىنىدۇ قەلبىمگە ئوخشاش.

مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن،
تامچىلارغا تۆكەلەيمەن دەرت.
تونۇشمىغان ئاشىقىم ئۈچۈن،
يازالايمەن تەگمەيدىغان خەت.


تەھرىردىن:سالام سائادەت خانىم،مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىميز،تېتىملىق لىرىكىلىرىڭىز ئارقىلىق مۇنبىرىمىزنى ئاۋات قىلىپ تۇرغايسىز،ئامان بولۇڭ!


تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت.

مۇھەررىرى:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

     





98 قېتىم كۆرۈلدى saadat ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-28 0:57:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ